باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

سۇرىيە مەسىلىسى سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنى «پارچىلىۋەتتى»(1)

2013.07.25 08:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە مېدىيالىرى 19 – ئىيۇن «سۇرىيە مەسىلىسى چوڭ دۆلەتلەر كۇلۇبىنى پارچىلىۋەتتى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلدى.

  ئىرېلاندىيەنىڭ ئېرنې كۆلى بويىدا ئېچىلغان سەككىز دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى 18 – ئىيۇن ئاياغلاشتى. موسكۋا بىلەن غەرب ئەللىرى سۇرىيە مەسىلىسىدە كېلىشەلمىدى.

  سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى ياكى ئۆكتىچى گۇرۇھنى قوللاشتا، پۇتىن سەككىز دۆلەت گۇرۇھىدا « يەتتىگە قارشى بىر » دىن ئىبارەت پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. كانادا زۇڭلىسى خارپېر مۇنداق دېدى: سۇرىيەنىڭ گېپى چىقسىلا، سەككىز دۆلەت گۇرۇھى «7+1» گۇرۇھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

  17 – ئىيۇن كېچىدە، پۇتىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، سۇرىيە مەسىلىسىدىن باشقا بىر يۈرۈش مۇھىم مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلدى. پۇتىن بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ سۇرىيە دائىرىلىرىنى قوللاشتا چىڭ تۇردى، لېكىن ئوباما سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا بەشىرنى قاتناشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇردى.

  يىغىندىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۇرىيە مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغاندا، پۇتىن يەرگە قاراپ تۇرۇۋالدى، ئوباما پۇتىنغا قاراپمۇ قويمىدى. (سۈرەتكە قاراڭ) ئىككىسىنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.

  رۇسىيە ئەگەر يەتتە دۆلەت بىلەن كېلىشەلمەي، يېتىم قالسا پۇتىنغىمۇ پايدىسىز. چۈنكى رۇسىيە سېنتەبىردە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، 2014 – يىلى يەنە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولىدۇ. رۇسىيەدىكى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇش ئۈچۈن، پۇتىن سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك موھتاج.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فيودور لىڭكيانوف مۇنداق دېدى: سۇرىيە مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ئېغىر بولسىمۇ، رۇسىيە غەرب ئەللىرى بىلەن ئادا – جۇدا بولۇپ كەتمەيدۇ. ئوباما سېنتەبىردە رۇسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل