باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىننىڭ چوڭ دۆلەت يولى

2013.07.25 08:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2012 – يىلى دېكابىر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىپ، گۈزەل «چوڭ دۆلەت يولى »نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بىرىنچى، شەرققە يۈزلىنىپ، يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىنى ئېچىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. رۇسىيەنىڭ ئاسىياغا جايلاشقان يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىنىڭ كۆلىمى كەڭ، بايلىقى مول، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى زور. پۇتىن دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى:21 – ئەسىردىكى مۇھىم نۇقتا شەرققە قاراپ تەرەققىي قىلىش، سىبىرىيە بىلەن يىراق شەرق رايونى رۇسىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە رايونى. ياۋروپا ۋە ئاسىياغا جايلاشقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونىنى ئېچىش رۇسىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلغان زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش.

  ئىككىنچى، ئەتراپقا يۈزلىنىپ، م د ب ئەللىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. رۇسىيە تارىختىن بۇيان م د ب ئەللىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەن، مەدەنىيىتى، ئۆرپ ـ ئادەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىقتىسادىي ئالاقە بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى قويۇق. بۇ دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا زېمىن ماجىراسى، دىنىي ئىختىلاپ، تېررورلۇق تەھدىت كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بىر گەۋدىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتكەندە، رۇسىيەنىڭ بۇ زىددىيەتلەرنى يوقىتىشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، رۇسىيەنىڭ قۇدرەت تېپىشىغىمۇ ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بولالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە رايوننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە نۇرغۇن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بىر يۈرۈش مۇكەممەل خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى. رۇسىيە – قازاقىستان، رۇسىيە – بېلارۇسىيە تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى، شۇنداقلا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق بەرپا قىلدى.

  ئۈچىنچى، ئۈچتە ئۆزگەرمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش. بىرىنچى، خەۋپسىزلىك جەھەتتە «ھەربىي ئىشلىرى ئارقىلىق دۆلەت قۇرۇش» تا چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، دىپلوماتىيە جەھەتتە «مۇستەقىل ئۆز – ئۆزىگە خوجا بولۇش ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى» دا چىڭ تۇرۇش. ئۈچىنچى، ئىچكى جەھەتتە «ئىچكى كۈچلەرنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن دۆلەتكە بولغان تونۇشنى كۈچەيتىش» تە چىڭ تۇرۇش. «رۇسىيە ھەر زامان رۇسىيە بولۇپ تۇرغۇسى» دېگەن سۆز پۇتىننىڭ دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە قىلغان ئەڭ پاساھەتلىك سۆزى.

  پۇتىن دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: گەرچە ئۆزگىرىش قەدىمىمىز سەل ئاستا، توسالغۇ ۋە مەسىلىلەر كۆپ بولسىمۇ، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى، كۈچلۈك سانائەت ئاساسى، مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى، شۇنداقلا يۇقىرى ساپالىق ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ، ئېنېرگىيە ئىقتىسادىغىلا تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقاندا، پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نىشان ئەمەلگە ئاشامدۇ ـ يوق، بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە