باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بەشىرنىڭ تەشەببۇسى سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلالىشى تەس

2013.07.25 08:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر 6 – يانۋار مەملىكەت بويىچە سىياسىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھازىرقى كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن ئۆكتىچىلەر بۇ تەشەببۇسنى رەت قىلدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: سۇرىيە ۋەزىيىتى سەل ياخشىلاندى، بۇ كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق. لېكىن، بەشىر يېڭى تەشەببۇسىدا ئۆكتىچىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ياكى چۈشمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

  بەشىرنىڭ يېڭى تەشەببۇسى ئۈچ باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرىنچى، مۇناسىۋەتلىك رايون ۋە دۆلەتلەر قوراللىقلارنى مەبلەغ ۋە قورال بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشى، سۇرىيەدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتنى توختىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ئارمىيەسىمۇ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى مەملىكەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىپ، مىللىي نىزامنامە بېكىتىپ، نىزامنامىنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشى، كەينىدىنلا جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى قۇرۇپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش ھەمدە ئۇنى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يارىشىش يىغىنى ئېچىپ، ئومۇمىي كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويۇش، ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش كېرەك.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: بۇ سۇرىيە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان ئەڭ مۇكەممەل تەشەببۇس.

  بۇ تەشەببۇسنى ئۆكتىچىلەر كەسكىن رەت قىلغان. «سۇرىيە مەملىكەتلىك كومىتېتى» نىڭ رەئىسى سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى بەشىرنىڭ تەختتىن چۈشۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھەر قانداق تەشەببۇسنى قوبۇل قىلمايدۇ، دېدى.

  «سۇرىيە ئەركىن ئارمىيەسى» 2012 – يىلى 7 – نويابىر «دەمەشىقنى ئازاد قىلىش 2 – باسقۇچلۇق جەڭ» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرىنىڭ دەمەشىق رايونى ئەتراپىدىكى جېڭى ئاياغلاشمىدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: 2013 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمى سۇرىيە ۋەزىيىتىدە ھەل قىلغۇچ ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرىنىڭكىدىن كۈچلۈك . سۇرىيە ئۆكتىچىلەر قوراللىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى تەڭلەشمىسە، مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.خەلقئارا جەھەتتە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىراقتىكى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى سۇرىيەگە كىرىۋالدى دەپ قارىغان. ئامېرىكا «غەلىبە فىرونتى » غا ئوخشاش دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ سۇرىيەدە يىلتىز تارتىشى ۋە كۈچىيىشىدىن ئەنسىرەپ قالدى. بۇ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل