باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي نۇقتىنى توغرىلاپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك(1)

2013.07.25 08:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   − ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش توغرىسىدا

  پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتا، دىققەت – ئېتىبارىمىزنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ئىسراپچىلىقتىن ئىبارەت «تۆت گەۋدىلىك مەسىلە»گە مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭدا ئوخشاشلا ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ئەينەككە قاراش، ئۈستبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسەلنى داۋالاش» ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئىستىلدا ساختىلىق قىلىش، ئىش – ھەرىكەتتە ناچار بولۇش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، تۈگىتىپ، مەركىزىي نۇقتىنى توغرىلاپ، مەسىلىنىڭ دەل جايىنى تېپىپ چىقىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، قانداق مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش، قانداق مەسىلە تەخىرسىز بولسا، شۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك.

  ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە نۇرغۇن ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلەپ، ئاممىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. لېكىن، شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا سىياسىي ئېڭى كۈچلۈك بولماسلىق، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى كەمچىل بولۇش، ئىستىلدا ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل بولماسلىق، مۇلازىمەت ئېڭى سۇس بولۇش، پاك، تەلەپچان بولۇشتا ئۆزىگە كۈچلۈك تەلەپ قويماسلىق قاتارلىق بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ ئەھۋاللار ئاساسىي ئېقىم بولمىسىمۇ، بىپەرۋالىق قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.

  ناچار كەيپىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ تايانچلىق ۋە باشلامچىلىق رولىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم تۈرلۈك خىرىسقا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىستىلىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى. ۋاھالەنكى، بەزى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېڭى كۈچلۈك بولمىغاچقا، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن غۇدۇراپ يۈردى، كۆڭلىگە ياققانلىرىنى ئىجرا قىلدى، كۆڭلىگە ياقمىغانلىرىنى ئىجرا قىلمىدى؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار پىكىر يۈرگۈزۈشكە، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشمىدى، ئۇلارنىڭ ساقلاش، تايىنىش، كۈتۈش ئىدىيەسى ئېغىر بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ئالدىراش يۈرگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىدى، ھېچقانچە ئۈنۈم يارىتالمىدى؛ ھەتتا، ئايرىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق ئىشلاردىكى سىياسىي مەيدانى دېگەندەك مۇستەھكەم بولمىدى، بەزىلىرى مەيدانىنى يوقاتتى. بۇنداق كىشىلەر ئاممىغا ياخشى باشلامچى بولالمايدۇ، ئۇلارنى ئاممىۋى لۇشيەننىڭ ئىشەنچلىك ئىجراچىلىرى دېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل