باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى زادى كىمنى بېقىۋاتىدۇ

2013.07.12 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ بىجيەن ئادۋوكاتخانىسىنىڭ ئادۋوكاتى ۋۇ يوۋشۈي مۇنداق دېدى: مەن پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن بولساممۇ، جايلاردىكى نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئورۇنلىرى، مالىيە ئورۇنلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدىن ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشەلمىدىم. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش نىزامىدا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى زۆۈر بولغان ئۇچۇرلار جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن.

  شۇنىڭ بىلەن ۋۇ يوۋشۈي 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ پىلانلىق تۇغۇت، مالىيە تارماقلىرىغا تېز پوچتا ئارقىلىق خەت ئەۋەتىپ، 2012-يىللىق ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنىڭ يىغىلغان ئومۇمىي سوممىسى، 2012-يىللىق ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى خامچوتى ۋە ئەمەلىي چىقىم قىلىنىشى، 2012-يىللىق ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

  ۋۇ يوۋشۈي مۇنداق دېدى: خەۋەرلەردە ئېلىمىزدە يىلىغا يىغىلىدىغان ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد يۈەنگە يەتتى دېيىلدى، ئۇنداقتا بۇنچە كۆپ پۇل نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ ئەجىبا «نورمىدىن ئارتۇق تۇغۇلغان بالىلار ئىگىلىۋالغان ئىجتىمائىي جامائەت بايلىقىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىۋاتامدۇ؟» بۇنىڭغا جاۋاب بېرىدىغان ئادەم يوق.

  ئىگىلىشىمىزچە، 2000-يىلى ئېلىمىزنىڭ «ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى» تۇنجى قېتىم قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتكە كىرگۈزۈلگەن. شۇ يىلى 3-ئايدا، مەركەزنىڭ 8-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى يىغىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئېنىق بەلگىلەنگەن.

  يەنە شۇ يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن سابىق دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بىرلىكتە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، جايلاردىن بۇرۇنقى «نورمىدىن ئاشۇرۇپ تۇغۇش جەرىمانىسى» ۋە «پىلاندىن سىرت تۇغۇلغان بالىلارنى بېقىش خىراجىتى»نى «ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتى»گە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان ھەم ئىجتىمائىي بېقىش خىراجىتىنىڭ جازا ئەمەس بەلكى سىياسەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئىكەنلىكىنى، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە تۆلىتىش ۋە مەجبۇرلاش رولى بارلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەنىدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە