باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

62 جۇڭگولۇق روسىيەدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ خورلانغان، ھازىر تېنچ-ئامان يۇرتىغا قايتىپ كەلدى

2013.07.11 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: نەچچە كۈن ئىلگىرى مائاشتىن رازى بولمىغانلىقتىن خورلانغان، ئىش ئورنىدىكى تۇرالغۇسىدىن تاغ ئىچىگە قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنىۋالغان جۇڭگودىن روسىيەگە ئىشلىگىلى بارغان ئىشلەمچىلەر 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

  4-ئىيۇل، روسىيە كەمەپوبو شتاتىنىڭ بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى سۈيخۇا شەھىرىدىن بارغان 62 كەنت ئاھالىسى تاغقا قېچىپ چىققان. جۇڭگونىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كېچىلەپ خىزمەت گۇرۇپىسى ئەۋەتتى. 5-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئەلچىخانا خىزمەت گۇرۇپپىسى تاغقا يۇشۇرۇىنىۋالغان جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەرنى تېپىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، نەسىھەت قىلىپ، تاغدىن چۈشۈردى ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇردى.

  ئەلچىخانا خىزمەت گۇرۇپىسى ۋە خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى سۈيخۇا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ئىشلەمچىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلاشتى. روسىيەلىك ياللىغۇچىنىڭمۇ پوزىتسىيىسى ئۆزگىرىپ، بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى، ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ۋەتەنگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلدى. 8-ئىيۇل، بارلىق جۇڭگولۇق ئىشلەمچىلەر يېڭى سىبىرىيە شەھىرى ئارقىلىق قايتىپ كەلدى. (مۇخبىر: لىن شۆدەن)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار