باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايلى

2013.07.10 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئىيۇل نەننىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گۇاڭشىدا قىسمەن ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى پېڭ چىڭخۇا، رەئىسى چېن ۋۇ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى دۇ جياخاۋ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋدەن، گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى چېن مىنئېر، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى لو چىنجيەنلەر ئۆز ئۆلكە-ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. (چېن ئېرخوۋ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە