باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزدىكى ئورگانلار ئادەتتىكى چىقىمنى بىرتۇتاش %5 قىسقارتىشتا، پۇلنى قانداق تېجەيدۇ

2013.07.10 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىغا قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلاردىن 2013-يىللىق ئادەتتىكى چىقىمىنى بىرتۇتاش %5 قىسقارتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىمنى تېجەشتە باشلامچى بولغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ شاڭشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بۇ يىلدىن بۇيان، ئومۇمنىڭ پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىش، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش قاتارلىق ھەشەمەتچىلىك-ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، 3 تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتى خامچوتىنى ئازايتىپ، چىقىمنىڭ ئېشىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىر يولغا قويۇلدى، ھازىر يەنە مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئادەتتىكى چىقىمىنى بىرتۇتاش %5 قىسقارتىشى تەلەپ قىلىندى، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش-پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ھۆكۈمەت باشلامچى بولۇپ چىقىمنى تېجەشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.»

  ليۇ شاڭشى مۇنداق دېدى: مەركەزدىكى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئادەتتىكى چىقىمىنى قىسقارتىشى بۇ يىلىقى «3 تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتى» خامچوتىدىن باشلانغان. 2013-يىلى، مەركەزنىڭ «8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نىڭ روھى بويىچە، يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت «3تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئازايتىش، ئەسلا كۆپەيتمەسلىك ھەققىدە ۋەدە بەرگەن، مەركەزدىكى نۇرغۇن تارماقلار خامچوت تۈزگەندە، ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىش خىراجىتى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىش خىراجىتى قاتارلىق «3 تۈرلۈك ھۆكۈمەت خىراجىتى» چىقىمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قىسقارتتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە