باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرى سۇرىيەدىكى ئۇرۇش مەيدانىدىن شىنجاڭغا مەخپىي كىردى (1)

2013.07.10 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زوراۋان – تېررورچىلار يېقىندا شىنجاڭدا ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىش دېلوسى سادىر قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ خاراكتېرى رەزىل، ۋاسىتىسى قەبىھ بولۇپ، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ 29 – ئىيۇن كەچتە ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاش قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشقاندا: چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش غەرىزىدىن يانمىدى، ئۇلار بارلىق ئامالنى قوللىنىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلدى، دەپ تەكىتلىدى. يېقىندا جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نوپۇزلۇق تارمىقىدىن ئىگىلىشىمچە، ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› كۈچلىرى 2012 – يىلىدىن باشلاپ، ئەزالىرىنى تۈركىيەدىن سۇرىيەگە ئەۋەتىپ، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر ئارىسىدىكى ئەسەبىي دىنىي تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بىللە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قاتناشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بەزى ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئۇنسۇرلىرىنى تاللاپ جۇڭگوغا مەخپىي كىرگۈزۈپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىش ھەرىكىتىنى پىلانلاپ يولغا قويغان.

  ئۈرۈمچىدىن ھەلەبكىچە

  جۇڭگو تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نوپۇزلۇق تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى: ‹‹تارمىقىمىز يېقىندا <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> ۋە <شەرقىي تۈركىستان تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى> ئەۋەتكەن، سۇرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان <شەرقىي تۈركىستان> تېررورچىسىنى تۇتتى››، دېدى.

  23 ياشلىق مەمەت ئەلى ئىككى يىل ئىلگىرى شىنجاڭ ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە ‹‹ئوقۇشقا چىققان››. باش ئىشتابى ئىستانبۇلدا تەسىس قىلىنغان ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى›› تۈركىيەگە كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان مەمەت ئەلىنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا ‹‹ياردەم بېرىدىغانلىقى››نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېيتقان. بۇ ۋاقىتتا، مەمەت ئەلى تۈركىيەدە ئاشكارا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى››نىڭ ئەمەلىيەتتە ‹‹يېڭى كەلگەن كىشىلەرگە ياردەم بېرىش››نى نىقاب قىلىپ، ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› تېررورچىلىرىنى تاللايدىغان ۋە تەربىيەلەيدىغان تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىكەن.

  مەمەت ئەلى ‹‹ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش››، ‹‹ۋەز ئېيتىش››، ‹‹ياردەم بېرىش ھەرىكىتى›› قاتارلىق ‹‹تاللاش›› ۋە ‹‹ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش›› قاتارلىق جەريانلاردىن كېيىن، ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى››نىڭ رەسمىي ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەس – يادى ‹‹غازات›› بىلەنلا قالغان. ‹‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›› ۋە ‹‹شەرقىي تۈركىستان تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى›› 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى مەمەت ئەلىگە سۇرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش ‹‹شەرەپ››ىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. مەمەت ئەلى ئېلىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارىغا: ‹‹<شەرقىي تۈركىستان تەلىم – تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى>دىكىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇق خاھىشىدىكى ۋەز – نەسىھەتلىرى ۋە <شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى> مەشقاۋۇللىرىنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىدىن دەلىل كەلتۈرۈلگەن چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، <غازات>تىن باشقا ئىشنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالدىم. ئوقۇشۇم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ نەسىھىتى بىلەن كارىم بولمىدى. ھازىر ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىسام، چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن››، دېگەن. مەمەت ئەلىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ شېرىكلىرى بىلەن ئىستانبولدىن يولغا چىقىپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاتاي ئۆلكىسىگە بارغان، ئاندىن سۇرىيەگە يېقىن لېيىخانلې ئارقىلىق تۈركىيە – سۇرىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم شەھەر ھەلەبكە يوشۇرۇن بارغان.

  ‹‹غازات›› ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ئۇنسۇرلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى

  مەمەت ئەلى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ھەلەبكە بارغاندىن كېيىن، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى ئەسەبىي تەشكىلات ‹‹غەلىبە فىرونتى›› قارىمىقىدىكى ئۇرۇش بىرېگادىسىغا تەقسىملەنگەن. ئۇلار سۇرىيەگە بېرىشتىن بۇرۇن قورالنى تۇتۇپمۇ باقمىغاچقا، باشقا ‹‹شەرقىي تۈركىستان›› ياشلىرى بىلەن بىللە ھەلەبتىكى ‹‹مەشىق لاگېرى››دا يەتتە كۈن قاتتىق مەشىقلەندۈرۈلگەن. مەمەت ئېلى مۇنداق ئىقرار قىلغان: ئاتالمىش مەشىق لاگېرى ھەلەب شەھىرى سىرتىدىكى خارابىلىكتە، بۇ جايدا سۇ، توك يوق، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەك ۋە ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، مەشىق قىلىدىغان جايىمىزنى كۈندە بىرقانچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە