باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھاراقنى كۆپ ئىچىش-رۇسىيەلىكلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە

2013.07.10 16:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھاراقنى كۆپ ئىچىش رۇسىيە جەمئىيىتىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋاللارنىڭ بىرى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەھىيە داۋالاش ئىشلىرىنىڭ يامانلاپ بېرىشىمۇ رۇسىيىنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. رۇسىيىلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، قازا قىلىش نىسبىتى تۇغۇلۇش نىسبىتىدىن يۇقىرى ئىكەن. ھازىر رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى پەقەت 65.9 ياش بولۇپ، بۇ خىل ئۆلچەم بارغانسېرى تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ، ئەرلەر ھەتتا پېنسىيە يېشىغا بارماي تۇرۇپلا قازا قىلىپ كېتىدىكەن، رۇسىيىدىكى ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى دۇنيا بويىچە 134-ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئەمما ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى دۇنيا بويىچە 100-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  ۋودكا قاتارلىق ھاراقلار رۇسىيىلىكلەرنىڭ ھاياتىغا ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزۈشكە باشلىدى، رۇسىيە يازغۇچىسى شىگىر ئىلگىرى «ھاراق تاشلايدىغان ۋاقىت كەلدى» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ رۇسىيە ئەرلىرى ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان ئەسەرلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان، رۇسىيە ئەرلىرى ھاراق ئىچىشىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، يەنى ئۇلار ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ قاتناش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇ ئەرلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان. رۇسىيەلىكلەرنىڭ دائىملىق سۆزلىرىدە ھەتتا «ئەرلىرىمىزنى قەدىرلەيلى» دېگەندەك بىر قىسىم سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە باشلىغان: بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى رۇسىيە جەمئىيىتى ئەرلەرنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ھاياتىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر: «ھاراق ئىچىش مەسىلىسى ناھايىتى ئېغىر مەسىلە بولۇپ قالدى، ئوخشاش ھالدا دورا ئىشلىتىش ۋە زەھەر چېكىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئەرلەرنىڭ نوپۇسى بارغانسېرى كېمىيىپ بارماقتا. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى، ئەرلەردە بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتىمۇ ئېغىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماشىنا ۋەقەسىمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسى ئېقىمغا ئايلاندى» دەپ كۆرسەتكەن.

  ئەرلەرنىڭ ھاراقنى كۆپ ئىچىشى رۇسىيە ئائىلىلىرىدىكى ئاساسىي مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھاراق ئىچكەن ئېرىدىن قاتتىق تاياق يەيدىكەن، بۇ ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىدىكى ئاساسلىق ئامىلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، رۇسىيە ئاياللىرى بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغان ئاساسلىق ئوبېكت بولۇپ قاپتۇ. ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئەللەردە، بىر قىسىم ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئاياللار تەربىيىسىدىكى كەمچىللىك ئىكەن. 2010-يىلى رۇسىيە نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، 15 ياشتىن يۇقىرى بولغان 21.5% ئايال تۇغۇپ باقماپتۇ. رۇسىيىدىكى ئاياللارنىڭ تۇغۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدەك ئەھۋاللارغا نىسبەتەن، مۇتەخەسسىسلەر: «مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، ئەھۋال دەل مۇشۇنداق، تۇغۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئاساسلىق سەۋەبى يۇقىرىدا بايان قىلغانغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدىكى يەنە بىر مەسىلە مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە مۇھىتى بۇ خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دەپ كۆرسەتتى. قارىغاندا ئەنگلىيەدىكى ئەرلەرنىڭ ھالى رۇسىيەدىكى ئەرلەرگە قارىغاندا خېلى ياخشىدەك قىلىدۇ. ئەنگىلىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بالىسى بار ئەرلەر بالىسى يوق ئەرلەرگە قارىغاندا كىرىمى ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە