باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2013.07.11 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ 8- ۋە 9-ئىيۇل گۇاڭشىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گۇاڭشى غەربىي قىسىمدىكى بىردىنبىر پورت بار ئۆلكە، چىنجۇ پورتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن، فاڭچېڭ پورت رايونى، شىمالىي دېڭىز پورت رايونى بىلەن بىرلىكتە ئېچىپ كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بېيبۇ قولتۇقى ئىقتىسادىي رايونىنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئېچىۋېتىلگەن ئىستىراتېگىيەلىك تايىنىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك.

  8-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرى يامغۇرغا قارىماي گۇاڭشىدىكى بېيبۇ قولتۇقىنىڭ چوڭقۇر سۇلۇق پورتى چىنجۇ پورتىغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. لى كېچياڭ پورتتىكى خىزمەتچىلەر بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، چىنجۇ پورتىنىڭ مال چۈشۈرۈش ۋە مال بېسىش مىقدارىنىڭ بۇرۇنقىدىن ئاشقانلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى لىنىيەلىرىنىڭ ئاشقانلىقى، ئىشچىلارنىڭمۇ بۇرۇنقىدىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ خۇشال بولۇپ مۇنداق دېدى: سىلەرنىڭ پورت ئالدىراش بولغىنى ياخشى! بۇ كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى، پورتنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىزنىڭ پورت سودىمىزدا شەرقىي قىسىمدىكى پورتلار ئاجىزلىشىپ، غەربىي قىسىمدىكى پورتلار گۈللىنىۋاتىدۇ، سىلەر كۆپرەك تۆھپە قوشۇشۇڭلار كېرەك.

  چىنجۇ پورتىدا، لى كېچياڭ قىسمەن كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى كېچياڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پېرىۋوت نىسبىتى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، زېمىن قاتارلىق پىكىرلەرگە قارىتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەگەر ئېلىمىزدىكى چوڭ تىپتىكى غوللۇق كارخانىلارنى دەرەخ دېسەك، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنى يوپۇرماق دېيىشكە بولىدۇ. كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، نۇرغۇن ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دۆلەت شارائىتنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سىياسەتنى تەتقىق قىلىپ، كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.

  9-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، باش مىنىستىر لى كېچياڭ گۇاڭشىنىڭ ناما يېزىسى چۇڭتاۋ كەنتىگە يېتىپ بېرىپ، شۇ يەردىكى شېكەر-قومۇش تېرىغۇچى دېھقانلارنى يوقلىدى. ئۇ يامغۇرغا قارىماي تېيىلغاق لاي دۆڭگە چىقىپ، شېكەر قومۇشنىڭ تېرىلىش ئەھۋالى ۋە باھا ئۆزگىرىشىدىكى داۋالغۇشلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، دېھقانلار تولۇقلىمىسىنىڭ نەقلەشكەن-نەقلەشمىگەنلىكىگە كۆڭۈل بۆلدى. لى كېچياڭ دېھقانلارغا مۇنداق دېدى: شېكەر خەلق تۇرمۇشىدىكى زۆرۈر يېمەكلىك، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار كەم بولسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق مەبلىغى، شېكەر باھاسى جەھەتتە سىلەرنى يۆلەيدۇ. بىر جەھەتتىن: سىلەر ئۆزۈڭلار ئامال قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈشۈڭلار، ھەمكارلىقنى كۆپەيتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشىڭلار، سورتنى ياخشىلاپ، شېكەر قومۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشۈڭلار لازىم؛ يەنە بىر تەرەپتىن: دۆلەت سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلارنى قوغدايدۇ. بۇ دېھقانلارنىڭلار مەنپەئەتىنى قوغدىغان بولماستىن، ئىستىمالچىلارنىڭمۇ مەنپەئەتىنى قوغدىغانلىق. كىرىم ئاشسا، خەلقنىڭ كۈنى ياخشىلىنىدۇ، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل