باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى توققۇز جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرىدۇ

2013.07.11 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى ئۆلكىلەر بۇ يىل «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى» نى ئاشكارىلايدۇ
  كېلەر يىلى زور ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى»نى ئېلان قىلىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى توققۇز جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  مەمۇرىي تەستىق ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، گوۋۇيۈەن مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش، ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى تەستىقلاش، سالاھىيەت ئىجازىتى بېرىش، سودا-سانائەت بويىچە تىزىملاشنى تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ھەم تەستىقلىغۇچى ئورگان ئۆزگەرتىلگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاشنى نۇقتىلىق تەلەپ قىلدى. مالىيە خامچوتى، نەقچوتى ۋە «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئاشكارىلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 2013-يىلى مەركەز ئورگانلىرىنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئاشكارىلىشىنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نىڭ خامچوت، نەقچوت ئومۇمىي سوممىسى ۋە تۈرلەر سوممىسى ئاشقان مەركەز ئورگانلىرى ئېشىش سەۋەبىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشى لازىم. مەركەز ئورگانلىرىنىڭ 2014-يىللىق خامچوتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش خىراجىتىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈش، سېتىۋېلىش خىراجىتى ۋە ئىشلىتىش خىراجىتىنى ئاشكارىلاش كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ھۆكۈمەتلەر ئۆلكە دەرىجلىك «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاش، ھەم 2015-يىلىدىن بۇرۇن پۈتۈن مەملىكەتتىكى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى ئومۇميۈزلۈك ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم. مەركەز دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى چىقىمنىڭ خامچوتىنى 2012-يىلىدىكى چوڭ تۈرلەر بويىچە ئاشكارىلاش ئاساسىدا تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، كىچىك تۈرلەر بويىچە ئاشكارىلاش لازىم. (دىڭ دىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە