- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى ليۇ دېخۇاغا ئاجايىپ ئوخشايدىغان ساقچى
2013.07.11 17:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ليۇ دېخۇاغا ئاجايىپ ئوخشايدىغان خەلق ساقچىسى توردا قىزغىن مۇلاھىزىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، تورداشلار بۇ خەلق ساقچىسىنى ليۇ دېخۇادىنمۇ بەك كېلىشكەن دەپ تەرىپلىدى.
9-ئىيۇل 16دىن 40مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى ج خ ئىدارىسىنىڭ سىنا مىكرو بىلوگى «يەكەن ج خ» رەسىملىك مىكرو بىلوگ تارقاتتى: «كۆپچىلىك تېز كېلىپ كۆرۈڭلار، يەكەن كوچىسىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىسى ليۇ دېخۇاغا ئاجايىپ ئوخشايدىكەن.» بۇ مىكرو بىلوگ تارقىلىشى بىلەنلا كۆپچىلىك بەس-بەستە باھا بېرىشتى ۋە ئۇلاپ تارقاتتى، ھەمدە «بەكلا ئوخشايدىكەن » دېيىشتى.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ ساقچىنىڭ ئىسمى ھەسەنجان ئوبۇل بولۇپ، 25 ياش، 2013-يىلى مايدا يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ چارلاش چوڭ ئەترىتىگە خىزمەتكە چۈشكەن، ھازىر چارلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ تارماق ئەترەت باشلىقى. ئىلگىرى 2006-يىلدىن 2011يىلغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئالاھىدە ساقچى قىسىمىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ھەم «ئىلغار ئەسكەر» نامىغا ئېرىشكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم