باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2013-يىللىق جۇڭگو دېڭىز قاتنىشى كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2013.07.12 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئىيۇل سائەت سەككىزدىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە گۈدۈك ئاۋازى بىلەن 2013-يىللىق جۇڭگو دېڭىز قاتنىشى كۈنىنى تەبرىكلەش ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنتوڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دەريادىن دېڭىزغا قاتنايدىغان، دېڭىز ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش پائالىيەتنىڭ ئاساسىي تېمىسى بولدى.

  ئېلىمىزنىڭ يىراق ئوكيان پاراخوتى، دېڭىز نازارىتى، بېلىقچىلىق مەمۇرىيىتى ، دېڭىز ئىشلىرى، قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرى بىرلا ۋاقىتتا گۈدۈك چېلىپ ، دۆلەتنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن بۇ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. يىغىندا يې سوڭ قاتارلىق دېڭىز قاتنىشى ياشلار جاسارەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 14 كىشى تەقدىرلەندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزدىكى تۇنجى ئادەملىك شۇڭغۇش ماتروسلىرى؛ پاراخوتنى ھەيدەپ شەرقىي دېڭىزدا چىڭ تۇرغان، جەنۇبىي دېڭىزدا دۆلەتنىڭ دېڭىز ئوكيان ھوقۇقىنى قوغدىغان ماتروسلار ؛ ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ئوكيان ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى تەتقىق قىلىش دۆلەتلىك پەن تېخنىكا ئىلگىرىلەش 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر بار.

  جۇڭگو دېڭىز قاتنىشى كۈنى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، قاتناش ترانسپورت مىنىستىرى ياڭ چۈەنتاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەقدىرلەنگەن بۇ ياشلار جۇڭگو دېڭىز قاتنىشى ۋە دېڭىز ئوكيان ئىشلىرىدىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى. دېڭىز ئوكياندا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. 2005-يىلى گوۋۇيۈەن جۇڭگو دېڭىز قاتنىشى كۈنىنى تەستىقلىدى. خاتىرىلەش كۈنىنى مىڭ سۇلالىسىدىكى جېڭ خېنىڭ ئاتلانتىك ئوكيانغا بېرىشنى بەلگىلىگەن ۋاقتى7-ئاينىڭ 11- كۈنىنى بېكىتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلىمىز بېيجىڭ، شاڭخەي، چىڭداۋ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ تەيساڭ قاتارلىق جايلاردا سەككىز نۆۋەت دېڭىز قاتنىشى كۈنىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كېيىنكى نۆۋەتلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رىجاۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە