خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: سۈرەتتە جۇڭگو ئۇلۇغ ئادەملەر شام ھەيكەل سارىيى كۆڭۈل قويۇپ لايىھىلەپ چىققان كىم جۇڭئېرنىڭ شام ھەيكىلى.
7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومېتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو ئۇلۇغ ئادەملەر شام ھەيكەل سارىيى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «چاۋشيەن خەلقىگە كىم جۇڭئېرنىڭ شام ھەيكىلىنى سوۋغا قىلىش پائالىيىتى» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. چاۋشيەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، چاۋشيەن پارتىيىسى مەركىزىي كومېتېتى پەن-تېخنىكا-مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى كىم مۇنجيۇڭ نۇتۇقىدا چاۋشيەن-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا ۋە جۇڭگو سەنئەتكارلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ھۈنىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى، ھەمدە چاۋشيەن خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو خەلقىگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو ئۇلۇغ ئادەملەر شام ھەيكەل سارىيىنىڭ باشلىقى جاڭ مولېي مۇراسىمدا سۆز قىلدى.
ئېگىلىشىمىزچە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومېتېتى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى پيوڭياڭ مياۋ شياڭشەن خەلقئارا دوستلۇق سارىيىدا شام ھەيكەلنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن. جۇڭگو ئۇلۇغ ئادەملەر شام ھەيكەل سارىيى 1996-يىلى ۋە 2011-يىلى چاۋشيەنگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەئىس كىن ئېرسېن ۋە يولداش كىم جۇڭسۇك خانىمنىڭ شام ھەيكىلىنى سوۋغا قىلغان.