باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھوقۇق ھەرقانچە كىچىك بولسىمۇ ‹‹نوختا›› سېلىش كېرەك

2013.07.10 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ھەيدەش كىنىشكامنى تۇتۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن، قىزىل – يېشىل چىراغنىڭ توكىنى ئۈزۈۋەتتىم››. گۇاڭشىنىڭ ليۇجۇ شەھىرىدىكى يورۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ يول يۈرگەنلىكتىن، قاتناش ساقچىسى ھەيدەش كىنىشكىسىنى تۇتۇپ قالغان. بۇ خىزمەتچى ئارىغا ئادەم قويۇپمۇ ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، قىزىل – يېشىل چىراغنىڭ توكىنى ئۈزۈۋېتىپ، بۇ يول بۆلىكىدىكى قاتناشنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغان. بۇ ئىش ئاۋامنىڭ ھوقۇقنىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلۈشىگە بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: قىزىل – يېشىل چىراغنى توك بىلەن تەمىنلەش، كىنىشكا بېجىرىش، جەرىمانە قويۇش ھەتتا كېسەل كۆرسىتىشتەك ئىشلاردا ھوقۇقىدىن خالىغانچە پايدىلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆپ يۈزبەردى. ھەر بىر قېتىمقى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش، ھەر بىر قېتىمقى ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىشلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئازدۇر – كۆپتۇر دەخلى – تەرۇز قىلغانلىق، قائىدە – تۈزۈملەرگە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆككەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

  ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماستىن، ئەكسىچە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان كىشى ئوخشاشلا ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان يەنە بىر كىشىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ قالدى، كۆپ قېتىم چەكلەنگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، ئىمتىيازلىق بولۇش ئىدىيەسى ۋە ھوقۇق ئېڭى بەزىلەرنىڭ قان – قېنىغا سېڭىپ كەتكەچكە، ئۇلار ھوقۇقىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قىلچە تەپتارتماستىن قولىدىكى ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلانغان. ئالاقىدار نازارەت قىلىش ۋە جازالاش مېخانىزملىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بارغانسېرى قىيىنلاشماقتا.

  ھەرقانداق چوڭ ھوقۇقنى ئىشلىتىشنىڭ ئېنىق چەك – چېگراسى بولۇشى، ھەرقانداق كىچىك ھوقۇققىمۇ ‹‹نوختا›› سېلىش كېرەك. قىزىل – يېشىل چىراغنىڭ توكىنى ئۈزۈۋېتىش چوڭ ۋەقە ھېسابلانمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش بىزگە شۇنى ئەسكەرتتىكى، ھەرقانداق ھوقۇقدارنى نازارەت قىلىش ۋە جازالاش سالمىقىنى زورايتىپ، مېخانىزم ئارقىلىق چەكلەش ۋە شەخسنىڭ تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتكەندىلا، ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشتىن ھەقىقىي ساقلانغىلى بولىدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم