باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى مىنىستىرلىق-كومىتېت ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىكىدىكى قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئون قىلمىشنى مەركەزلىك تۈزەيدۇ

2013.07.10 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىكى بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان ساختا ئۆي ئۇچۇرى تارقىتىش، ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئالدامچىلىق بىلەن ئېرىشىۋېلىشىغا يانتاياق بولۇش، بەلگىمىگە خىلاپ «ئوپچە ئىجارە»گە بېرىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تازىلىنىدۇ، تۈزىلىدۇ ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى دۆلەت سودا سانائەت باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك بازىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، جايلاردىن ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك بازىرىنىڭ تەرتىپىنى تۈزەپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە ۋاسىتىچى خادىملارنىڭ قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، ئۆي-زېمىن ۋاسىتىچىلىك بازىرىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە