خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكا ئورمان ئوت ئاپىتى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ بىر يۈرۈش دالا تۇرمۇشى رەسىملىرىنى ئېلان قىلىپ، قورقماس،باتۇر، ئەمما ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ ئەترەتنى تونۇشتۇردى. ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ھازىر ژۇرنال مۇخبىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان كېلى.دىكمان ئىختىيارىي مۇخبىر سۈپىتىدە ئەترەتكە قوشۇلۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ 2012-يىلىدىكى تۇرمۇشىنى تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.
جەمئىي 20 نەپەر ئەزادىن تەركىب تاپقان بۇ ئەترەت، مەخسۇس ئارقا سەپ ياردىمى بولمىغان چەت-يىراق رايون ئورمانلىقلىرىدا كېلىپ چىققان زور ئوت ئاپەتلىرىگە تاقابىل تۇرىدۇ. كېلى.دىكمانغا نىسبەتەن ئەترەتنىڭ بۇ پەسىللىك تۇرمۇشى جىسمانىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەش تۈرىدىن باشلىنىدۇ. ئۆلچەشتە 60 قېتىم سوزۇلۇش، 240 قېتىم يەر بېغىرلاش ۋە 360 قېتىم قورساق قاتلاشنى تاماملاش كېرەك. يەنە بىر چۈشتىن كېيىن ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ ئارغامچا كېسىدۇ.
بىر يىل ئىچىدىكى كۆپىنچە ۋاقتتا، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر تۇرمۇشىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى زور ئوتنى ئۆچۈرۈش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارلىق دالا ئوت ئۆچۈرگۈچىلىرى ھەۋەس قىلىدىغان ھاياجانلىنىش ھەم خەتەر ئىچىدە ئۆتىدۇ. ھەر ھەپتىدە 112 سائەت ئىشلەيدۇ، تەتىلى بار، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بار. ئىككى ھەپتىدىلا 3000 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدۇ، لېكىن خەجلەيدىغان يەر يوق. بۇ ئەترەتنىڭ تەتىلى كۈن بىلەنلا ھېسابلىنىدۇ. ياز پەسىلىدە ئاران 10 كۈنلا ئارام ئالىدۇ.