باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى

سىچۈەندىكى قارا يامغۇردا 9 ئادەم ئۆلۈپ، 62 ئادەم يوقاپ كەتتى

2013.07.11 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىچۈەن قارا يامغۇرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى

  قىسىمدىكى ئوفتسېر-ئەسكەرلەر جىددىي ياردەم بەردى

  خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئىيۇل، مۇخبىر سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئېگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قارا يامغۇردا 9 ئادەم ئۆلۈپ، 62 ئادەم يوقاپ كەتكەن. دۆلەت ئاپەتنى ئازايتىش كومېتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى دۆلەت 3-دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىنكاسىنى قوزغاتتى.

  7-ئاينىڭ 10كۈنى سائەت 16 گىچە بولغان ستاتېستېكىدا، بۇ قېتىمقى قارا يامغۇردا 14 شەھەر-ئوبلاستتىكى 64ناھىيەگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئاپەت يەتكەن، 1مىليون 453 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، 9 ئادەم ئۆلۈپ، 62 ئادەم يوقاپ كەتكەن. 110مىڭ ئادەمنى جىددىي كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرغان. 71مىڭ گېكتار يەردىكى زىرائەتلەر ئاپەتتە نابۇت بولغان. 886 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 2293 ئېغىز ئۆيى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. 1338 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 3995 ئېغىز ئۆيى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. 21570 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ 77232 ئېغىز ئۆيى ئادەتتىكى دەرىجىدە بۇزۇلغان. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليارد 370 مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە، ئاپەت زىيىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلۈپ، ستاتېستېكىلانماقتا.

  7-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17دە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرىدىن 3000نى، كارىۋات، يوتقاندىن 1000نى ئاپەت رايونىغا جىددىي يەتكۈزۈپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ۋاقتىنچە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بەرگەن.

  مۇخبىر: ۋاڭ مىڭفېڭ

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار