خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11–ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا رادىئو شىركىتى ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە ئاسىيا ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ ھادىسىگە يولۇققان ئايروپىلان سۇنۇقلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشى ئاشكارىلانغان بولۇپ، سۈرەتتىن ئايروپىلان ئىچىدىكى ساڭگىلاپ قالغان ئوكسىگىن ماسكىلىرى، ئايروپىلان سىرتقى يۈزىدىكى ئوتتا كۆيگەندىن كېيىنكى ئىزلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.