باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لوندون شەھەر باشلىقى: ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشىنىڭ بىردىنبىر مەقسىدى بىر ئەر بىلەن توي قىلىش

2013.07.11 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

لوندون شەھەر باشلىقى بورىس.جونسۇن
  خەلق تورىنىڭ 11-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلگراممىسى: لوندون شەھەر باشلىقى ئاغزىدىن بالاغا قالدى: ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشى پەقەت ئەر تېپىش ئۈچۈن

  ئەنگىلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىياسىي ساھەدىكىلا ئەرلەرنىڭ ھەممىسىگە مەلۇمكى، جىنسىي كەمسىتىش قەتئىي چېقىلىشقا بولمايدىغان يۇقۇرى بېسىملىق توك سىمىغا ئوخشايدۇ. بىراق قىزىقچى،يۇمۇرچى دەپلا تەرپلىنىدىغان لوندون شەھەر باشلىقى بورىس.جونسۇن بۇنداق دەپ قارىمايدىغاندەك قىلاتتى.

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، بورىس گەپ-سۆزىدە ئاياللارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇشى بىر ئەر تېپىپ توي قىلىش ئۈچۈن دېگەندىن بىشارەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن تىل-ھاقارەتكە قالدى. ئېگىلىنىشىچە، بىر قېتىملىق ئىقتىساد يىغىنىدىن كېيىن، بورىس مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب.رازاق بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. بىر مۇخبىر ئاياللارنىڭ مائارپ تەربىيەسى ئېلىش مەسىلىسىنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا سوئال سورىغان. مالايسىيا زۇڭلىسى رازاق مۇنداق جاۋاب بەرگەن :«مەن تاپشۇرۇۋالغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %68 ىنىڭ ھەممىسى قىز ئوقۇغۇچىلار.»

  بۇ چاغدا بورىس سۆز قىستۇرۇپ :«مېنىڭچە، ئاياللارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى بىردىنبىر مەقسىدى بىر ئەر تېپىپ توي قىلىش» دېگەن.

  ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى نەق مەيداندا ھېچقانداق ئېتراز قوزغىمىغان. بىراق، تاراتقۇلار ئۇنىڭ بۇ چاقچاق گېپىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئىش چوڭىيىپ كەتكەن. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقىغان نۇرغۇنلىغان ئاياللار تۋېتتىر تورىدا قوزغىلىپ، بورىسقا ھۇجۇم قىلغان، ئۇنى جىنسىي كەمسىتىش خاھىشى بار، دەپ ئەيبلىگەن.

  بىر ئايال تورداش خەت قالدۇرۇپ :« مېنىڭ بىر باكلاۋرلىق ئۇنۋانىم ۋە بىر دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىم بار، لېكىن ئېرىم يوق! قارىغاندا مېنىڭ مۇشۇ تەربىيەلەرنى ئېلىشىم خاتا بولغان ئوخشايدۇ» دېگەن.

  ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بىر باياناتچىسى كەت.گرىن بورىسنىڭ گەپ سۆزلىرى چاقچاق بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى جىنسىي كەمسىتىش قارىشىنى ئاشكارىلىغان، دەپ قارىدى، گرىن بورىسنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئاشۇ ئاياللاردىن ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : زۇلخۇمار