- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلقئارا خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىران تېلېۋىزىيەسىگە ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2013.07.12 10:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
باش ئورگىنى ليۇكسېمبورگتىكى خەلقئارا خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى چەكلىك شىركىتى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىران تېلېۋىزىيە قانىلىغا ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن سۈنئىي ھەمراھ مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئىراننىڭ رادىئو، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تارقىتىشنى توختىتىشنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئىران مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ بۇ تەدبىرى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، ئىران بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە