باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەمەلىي ئىش قىلىپ، پۇقرالارنى غەم–ئەندىشىدىن خالاس قىلدى

2013.07.12 09:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىشىك ئالدىغا يول ياسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۈنجاچى نېرۇ يېزىسى سۈنجاچى نېرۇ كەنتىدىكى 58 ياشلىق تۇرسۇن تالىپ خۇشال بولۇپ: ‹‹ئۆيۈمدە ئىككى دېھقانچىلىق ماشىنىسى بار، يول ياخشى بولمىغاچقا، ھۆل – يېغىنلىق كۈنلەردە يول يۈرۈش قىيىن ئىدى، نەچچە كۈندىن كېيىن يېڭى يول پۈتىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى يولداشلارنى دېھقانچىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇزۇپ يېڭى يولنى ئايلاندۇرۇپ كېلىمەن›› دېدى.

  تۇرسۇن تالىپ 24 – ئىيۇن مۇنداق دېدى: ‹‹كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپلا بۇ يول مۇشۇنداق ناچار ئىدى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى پۇتىمىز پاتقاققا پېتىپ قالاتتى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنتتىكىلەر يول ياساش ئۈچۈن كۆپ باش قاتۇردى، بىراق مەبلەغ يېتىشمەي تاشلىنىپ قالغانىدى››.

  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كەنتتىكىلەر يول ياساشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنىدى. بۇ يىل 3 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىستىل ياخشىلاپ، ئاممىغا خىزمەت قىلىش گۇرۇپپىسى سۈنجاچى نېرۇ كەنتىگە چۈشكەندىن كېيىن، تۇرسۇن تالىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 575 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسىنىڭ يول ياساش ئۈمىدى قايتا تۇغۇلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، تۇنجى بولۇپ ئېتىز – ئېرىق بېشىغا بېرىپ، ئاھالىنىڭ ئۆيلىرىنى ئارىلاپ ئەھۋال ئىگىلەپ، كۆپچىلىكنى كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشكە سەپەرۋەر قىلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى بىر مەزگىل زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنىڭ يول ياساش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايقىدى.

  ‹‹يول مەسىلىسىنى جەزمەن ھەل قىلىش كېرەك!›› خىزمەت گۇرۇپپسى كەنتتىكىلەر ئۈچۈن بۇ ئىشنى جەزمەن ھەل قىلىپ بېرىشكە بەل باغلىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئورگان پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى جاڭ شياۋزۇ مۇنداق دېدى: كەنتتە قايتا ياساشقا تېگىشلىك 17 يول بۆلىكى بولۇپ، ئومۇمىي ئۈزۇنلۇقى 8.7 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 4 مىليون 860 مىڭ يۈەن مەبلەغ كېتىدىكەن. گۇرۇپپىمىز ئەھۋالنى بەڭگۇڭتىڭغا مەلۇم قىلدۇق ھەم كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇردۇق، يول ياساشقا كېتىدىغان مەبلەغ 5 – ئايدا نەقلەشتى.

  يول ياساش ئىشى ئەمەلىيلەشتى، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەسىلىسىمۇ ھەل بولىدىغاندەك قىلاتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، كەسىپ قۇرۇلمىسى ئاددىي بولۇش، كەنتتىكىلەرنىڭ بازار ئىقتىسادى ئېڭىنىڭ ئاجىز بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ سۈنجاچى نېرۇ كەنتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

  بەشسۇمۇل كەنتىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسى 23 كەنت ۋەكىلىنى ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا مايسا، كۆچەت، گۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى، زامانىۋى باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قارىشىنى يېڭىلاپ، جايلارنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە ماسلاشتۇرۇپ مەبلەغ توپلاپ، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونى ۋە 200 مو مايسا، كۆچەت، گۈل ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بازىسى قۇرۇپ، كەنتتىكىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

  بەشسۇمۇل كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خې شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتىمىزگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، كەنتتىكىلەرنى تەرەققىياتقا يېتەكلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا يول ھازىرلاپ بەردى، سۈنجاچى نېرۇ كەنتىنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. (گاۋۋا خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە