باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ نامبىيىنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2014.04.10 08:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ 9-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە نامبىيىنىڭ باش مىنىستىرى گىنگىب بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامبىيە بۇ نۆۋەتلىك بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتناشقان بىردىن بىر ئافرىقا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافرىقىدىن ئىبارەت بۇ تىز تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىم كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نامبىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 24 يىلدىن بۇيان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھۆكۈمەت باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىدە بىر بىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان يارقىن نۇقتىلار ۋە مەدەت بېرىش نۇقتىلىرىنى تېپىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كارخانىلىرىنى نامبىيىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىدىيىسىدە يېڭىلىق ياراتسىلا ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى ئىنتايىن كەڭ بولىدۇ. جۇڭگو نامبىيىنىڭ «جۇڭگو نامبىيە مەبلەغ سېلىشنى قوغداش كېلىشىمى» نى بالدۇر تەستىقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  گىنگىب مۇنۇلارنى بىلدۈردى:جۇڭگو نامبىيىنىڭ قەدىناس دوستى. ئىككى دۆلەت ھەر قايسى ساھەلەردە ياخشى ھەمكارلاشتى. نامبىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىنتىزار. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نامبىيىگە مەبلەغ سېلىپ كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، ھەمكارلىقتا تەڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. بارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى رامكىسىدا ئافرىقا جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللايدۇ. سىزنىڭ ئافرىقىغا قىلغان زىيارىتىڭىزنىڭ ئافرىقا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشىگە ئىشىنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر