باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بوئاۋ مۇنبىرىدە «ساغلام كىشىلەر، جۇڭگو ئارزۇسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2013.04.08 11:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزى قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ساغلام كىشىلەر، جۇڭگو ئارزۇسى ــ ساغلاملىقنى باشقۇرۇش ۋە جۇڭگو تەرەققىياتى مۇنبىرى شۇنداقلا 2013-يىللىق جۇڭگو كارخانىلىرىدىكى ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىق سەپىرىنى باشلاش مۇراسىمى تۈنۈگۈن كەچتە بوئاۋدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت ساھەسىدە ساغلاملىق ئاساسى تېمىسىدا مۇنبەر ئۆتكۈزۈشى.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرى ئىشچى خىزمەتچىلىرى ساغلاملىق سەپىرى پائالىيىتى ئۈچىنچى يىلغا قەدەم قويغان، ساغلاملىق بىلىملىرىنى تارقىتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنى ساغلاملىق باشقۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەش تۈپ چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان بۇ ساغلاملىق تەربىيەسى ئاممىۋىي پاراۋانلىق پائالىيىتىدە يۈزدىن ئارتۇق نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىس پۈتۈن مەملىكەتتىكى 30 نەچچە شەھەرگە بېرىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش، ئوزۇقلۇق، پىسخىكا، جىددىي قۇتقۇزۇش قاتارلىق ساغلاملىق بىلىملىرىنى يۈزلىگەن چوڭ تىپتىكى كارخانا ۋە مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزگەن. ھۆكۈمەت، تاراتقۇ، كارخانا ۋە مەبلەغ ياردەم بەرگۈچى سودىگەرلەر قاتارلىق تۆت تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقارغان ساغلاملىق تەربىيەسى يېڭى قېلىپى ئېچىلغان.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى ئەزاسى، تاشقى ئىقتىساد سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مىنىستىرى لوڭ يوڭتۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتە خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشمۇ بىر ئاساسى نىشان.

  جۇڭخۇا مېدىتسىنا جەمئىيىتى يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكلىرى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى خو يوڭ مۇنداق دېدى: يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەلق ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى قاتىلى، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، جۇڭگو ساغلاملىق تەربىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: قانداق قىلىپ توغرا ساغلاملىق بىلىملىرىنى ۋاقتىدا ھەر بىر پۇقراغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش شۇنداقلا تۇرمۇشتا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مۇھىم بىر تېما.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}