- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
گۈزەللىك ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل (1)
2013.05.29 14:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
گۈزەللىكنى سۆيۈش − ئاياللارنىڭ تۇغما تەبىئىتى ، بىراق ساغلاملىقنى بەدەل قىلغان گۈزەللىكنى ئېھتىيات بىلەن ئويلىشىپ قوغلىشىش كېرەك . ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولغان Apryl Michelle Brown بىر چاچ پاسونى لايىھەلىگۈچى . بىراق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى تىنچ تۇرمۇشى ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى سەۋەبلىك پۇت-قولىنىڭ كېسىۋېتىلىشى بىلەن تەلتۆكۈس ئۆزگەردى .
ئەنگىلىيە ‹‹قۇياش گېزىتى›› نىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە ، 2004-يىلىنىڭ بىر كۈنى ، سان فىرانسىسكولۇق 46 ياشلىق مىچېل دورىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ساغرىنى ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان ئەگرىلىككە ئىگە قىلغىلى بولىدىكەن ، دەپ ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ ، دەرھال دوختۇرغا 650 پۇند (تەخمىنەن 6000 يۈەن) ئوپېراتسىيە ھەققى تۆلىگەن . بىراق ئۇ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغان دوختۇرنىڭ ھېچقانداق تېببىي ئارقا كۆرۈنۈشى يوقلۇقىنى ، ئوكۇل قىلىنىدىغان دورىنىڭمۇ سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سىلتسىيلىق يىلىم ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا ئىشلىتىشكە قەتئىي ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بىر قانچە ئايدا، ئوپېراتسىيە قىلىنغان جاي قاتتىقلىشىشقا باشلىغان، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇ جاينىڭ تېرىسىمۇ قارىداپ كەتكەن ، بىراق مىچېل ئاغرىققا ئۈن-تىنسىز بەرداشلىق بېرىپ ، دوختۇرغا ۋاقتىدا كۆرۈنمىگەن . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇ شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) ۋە تولغاق ئازابىغا ئوخشايدىغان مۇشۇنداق ئاغرىقنىڭ قىينىشىغا توپتوغرا تۆت يىل بەرداشلىق بەرگەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە