باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بېيجىڭنىڭ خوتەنگە ياردەم بېرىش ئىشلىرىدا ئۈنۈم كۆرۈلۈشكە باشلىدى

2013.05.28 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-ماي بېيجىڭ خەۋىرى: بۇ يىل 5-ئايدا مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا دەل ئۈچ يىل بولدى شۇنداقلا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ تۇنجى قارارلىق كادىر تەربىيەلەش يىلى بولدى، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدىغان ياردەم قۇرۇلۇشى بولدى. ئىستانسىمىز مۇخبىرى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە بېيجىڭ ياردەم بەرگەن تۈرلەرنى ئەمەلىي زىيارەت قىلدى.

  بېيجىڭ شەھىرى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن خوتەن شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىدا، قوش تىل سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئاڭلاۋاتاتتى. ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر قىز ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈش ئىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، بېيجىڭ شەھىرى مائارىپتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇشنى ئالدىنقى مەزمۇن قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 85 مىليون 120 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىگە 12 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىنى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەردى، 60 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق مەكتەپ بىناسىنى كېڭەيتىپ سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سەھىيەدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشمۇ خەلق تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇش سۈپىتىدە ئەھمىيەتكە ئېرىشتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە دوختۇرخانىنى يېڭىدىن سالدى ياكى كېڭەيتىپ سالدى، 12 يېزا-بازار شىپاخانىسىنىڭ ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتتى، بۇنىڭغا 520 مىليون يۈەن ئاجراتتى. خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ دوختۇرخانىسى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا 300 دىن ئارتۇق ئىشچى جىددىي ئىشلەۋاتاتتى، شەنشىدىن كەلگەن 35 ياشلىق شياۋليۇ بۇ ياردەم قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ بىرى ئىدى. 304 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان خوتەن شەھىرىدىكى بېيجىڭ دوختۇرخانىسى پۈتكەندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇپ قالىدۇ. دوختۇرخانا باشلىقى خۇبىڭ دوختۇرخانىنىڭ قاتتىق ماتېرىيال ۋە يۇمشاق ماتېرىيالىنى قانداق قىلىپ ئۈچ ئا دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئۆلچىمىگە ھەقىقىي يەتكۈزۈش ھەققىدە، بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش دېدى.

  خوتەن شەھىرى ئەشيا ياردىمىدىمۇ تەرەققىيات قارىشىنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئىلمىي، ئومۇميۈزلۈك، ئەستايىدىل ياردەم بېرىش باش مەقسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، بىر مىليارد 400 مىليون يۈەننى خەلقنى بېيىتىش ۋە كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە