باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدا يەنىلا 580 خىزمەت ئورنى بوش قالغان

2013.05.29 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار ئىمتىھان مەركىزى شۇ كۈنى سائەت نۆلگىچە شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملانغانلارنىڭ ئالدىنقى 20 ئورۇندىكى تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە 580 ئورۇننىڭ بوش قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئورۇنلارغا يەنە تېزىملاتقانلار قۇشۇلغان، لېكىن رەت ـ تەرتىپ ئۆزگىرىشىگە چوڭ تەسىرى بولمىغان، بىراق ھېچكىم تىزىملاتمىغان ئورۇنلاردا ئۆزگىرىش زور بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى 1228 بوش قالغان ئورۇن 580گە چۈشكەن. 28-ماي سائەت 0:00گىچە، تېزىملانغان ئادەم سانى كۆپ ئورۇن يەنىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونىغا قاراشلىق ئىش بىجىرىش ئورنى پارتىيە ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا بېرىلگەن بىر ئورۇن بولۇپ، ئىلگىرىكى تىزىمغا ئالدۇرغان ئادەم سانى 1195تىن 2265كە يەتكەن. رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان خىزمەت ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولمىغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر تاشلاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۈرۈمچى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەر تاشلاتقۇزۇش باشقارمىسىدىكى ئەدلىيە مەمۇرلۇق خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقان ئادەم سانى 639غا يېتىپ، ئىككى كۈن ئىچىدە تىزىملاتقان ئادەم سانى بىر ھەسسە كۆپەيگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە