خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەكرەم ئەركىن مۇئەللىم بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتى مىللىي مائارىپ ئىنستىتۇتىدا يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، مەزكۇر مەكتەپتە ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش جەھەتتىنمۇ ھەر تەرەپلىمە كۆيۈنۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئاكىسىدەك كۆرىدۇ.ئەكرەم مۇئەللىم ھەققىدە ھەمدە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن ھېكايىلەر بار.
بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئەكرەم مۇئەللىمنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بىر ئىشخانا، يەنى «ئەكرەم ئاكتىپ ئېنىگىيە ئىشخانىسى» تەسىس قىلىنىپتۇ.ئۇ بىزگە مۇشۇ ئىشخانىنىڭ قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى قانداق بولىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئەكرەم مۇئەللىم «بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر بويىچە 10 نەپەر مۇنەۋۋەر يېتەكچى ئوقۇتقۇچى»نىڭ بىرى ۋە «پۈتۈن مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر بويىچە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى شۇ يىللىق داڭدار شەخسلەر»نىڭ بىرى بولۇپ سايلانغان. ئەكرەم مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى ئىشلىگىلى 13 يىل بولۇپ قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ،"قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ؟"، "ياشلار بىلەن قانداق قىلىپ ياخشى دوست بولغىلى بولىدۇ؟" دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان. بىز ئىشىنىمىزكى، ئەكرەم مۇئەللىمنىڭ سۆزلەپ بەرگەن بۇ جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى، نۆۋەتتىكى چوڭلار مائارىپى خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.