باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2015-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن>>提案议案

ئەزا بۈۋىھەجەر ئابلا: شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلسا

2015.03.09 16:09   مەنبە: خەلق تورى

ئەزا بۈۋىھەجەر ئابلا: شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلسا

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى 8-مارت تېلگىراممىسى(مەلىكەم): مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد-سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى بۈۋىھەجەر ئابلا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق شىنجاڭ مائارىپى بەلگىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى، بىراق يەنىلا بەزى مەسلىلەر ساقلانماقتا، شۇڭا دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى توغرىسىدا تەكلىپ بەردىم»دېدى.

  «نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىدا يەنىلا مەسىلە ساقلانماقتا. مەسىلەن يەسلى ۋە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر يېتىشمەيدۇ، بەزى جايلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى مەكتەپكە بارالمايدۇ. قوش تىللىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى يېتىشمەيدۇ. يەنە بەزى مىللىي رايونلاردىكى نامرات ئاتا-ئانىلار بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا پايدىسى يوقتەك ھېس قىلىدۇ. نامرات ئائىلىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ بالدۇرراق ئىش قىلىپ پۇل تېپىشىنى ئويلاپ بالىسىنى مەكتەپكە بارغۇزمايدۇ،بولۇپمۇ قىزلارنى»دېدۇ ئۇ.

  بۇ ھەقتە ئۇ دۆلەت سىياسەت ۋە تۈزۈمنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا داۋاملىق شىنجاڭنىڭ مىللىي رايونلىرىدىكى مائارىپىغا ئېتىبار بېرىشىنى ۋە قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم بەزى كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  1.شىنجاڭنىڭ مىللىي رايونلىرىدىكى مائارىپقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش. مىللى مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش كۆرسەتكۈچىنى ئىلمىي بەرپا قىلىش، ھەم باھالاش نەتىجىسىنى كادىرلارنى باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش. شىنجاڭدىكى مىللى رايونلار مائارىپىنى قوللايدىغان سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كۆزلىگەن سىياسەت ئۈنۈمىگە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش

  2.شىنجاڭدىكى يەسلى ۋە مەجبۇرىي مائارىپ مەزگىلىدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، بالىلار بارىدىغان يەسلى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش.

  3.شىنجاڭدا مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنىنىڭ ئۇمۇملىشىشىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممە بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ساۋاتسىزلىقنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش.

  4 . مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشى، ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسى، تۆت بىلىش قارىشى تەربىيەسى، قانۇنچىلىق تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى تەربىيەسى ۋە شۇ مىللەتنىڭ تارىخ، مەدەنىيەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەربىيە مەزمۇنىدىكى دەرسلىك سىستېمىسىنى تۈزۈش.

  5.مۇناسىۋەتلىك بەلگىلمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق شىنجاڭ ۋە ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەبلەرنى پۈتتۈرگەن تولۇق كۇرۇستىن يۇقىرى مىللىي ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى بىلەن شوغۇللىنىشقا جەلب قىلىپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى تولۇقلاش.

  6.كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، تېخنىكا خاراكتېرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوقۇتۇشقا تەكلىپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەربىيەلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش. 7.شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان قوللاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ماگىستىرلىقتىن يۇقىرى مۇنەۋۋەر ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كېلىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ھەم ئالى مەكتەب ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىدا مەلۇم ساندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەشتىكى رولىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇش.

  8. مايىل بولۇش خاراكتېرلىك سىياسەت ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ماگىستىر، دوكتۇرلۇققا ئۆتۈشىگە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ۋە دائىرىسىنى كېڭەيتىش.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبىكىستان زوڭتوڭ سايلىمىغا يېقىندىن نەزەر
      ·قازاقىستان زوڭلىسى مەسىموف بۈگۈندىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ
      ·شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
      ·بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىنتىرنېت تورىغا ئۇلىنىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن …
      ·شىنجاڭ مەدەنىيەت سەنئەت قابىللىرىنى نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەقسىز تەربىيىلەش بويىچە ئوقۇغۇچى…
      ·ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بويىچە تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ نەتىجە ئۇچۇرى قاتارلىقلار 3 يىل ساقلىندۇ
      ·ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسنى ئېلان قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يەنە باشلىنىدۇ
      ·شىنجاڭنىڭ بۇ يىلقى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى « ئورۇقلىدى»