خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (ئالىم) 3-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2011-يىللىق شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەلىيۇلئەلاسى، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئالغان پەخىرلىك قىز پەخىرىيە ئەشرەپ بىلەن دوكتۇر دولقۇن قادىر خەلق تورىغا كېلىپ، مۇناسىۋەتلىك سۆھبەت پروگراممىسىنى سۆرەتكە ئېلىشقا قاتناشتى. سۆرەتكە ئېلىش جەريانىدا، پەخىرىيە ئۆزىنىڭ خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەخىرىيە خارۋارد قاتارلىق دۇنيادىكى بەش داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، جامائەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۇ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن بىر مەكتەپنى تاللىشى ھەمدە قۇبۇل قىلىنىش شەرتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاللاشنى مۇقىملاشتۇرغان، خارۋارد تەرەپتىنمۇ رەسمىي قۇبۇل قىلىش چاقىرىقىنى ئەۋەتكەن. بەلگىلىمە بويىچە، پەخىرىيە بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا خارۋاردقا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدىكەن.
پەخىرىيەنىڭ يەنە مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئىلمى كەسپىنى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، خارۋاردتا مۇھىت-سالامەتلىك كەسپىنى ئوقۇيدىكەن. نۆۋەتتە ئۇ تولۇق كۇرس ئوقۇشىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى تەجرىبە ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ييزىۋىتىپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى