تۈركىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى شۇ يەر ۋاقتى 30-مارت ماراكەش كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي قوندى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹بوئىن 777›› تىپلىق K15 يولۇچىلار ئايروپىلانى بومبا تەھدىتىگە ئۇچراپ، يېرىم يولدا ماراكەش كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىغا مەجبۇرىي جىددىي قوندى.
ئىگىلىنىشىچە، 250 يولۇچى، ئالتە ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان بۇ ئايروپىلان شۇ يەر ۋاقتى 30-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:18 دە ئىستانبۇلدىن فىرانسىيە سان پاۋلوغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، تەخمىنەن بەش سائەتلەردىن كېيىن ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كەلگەندە، ئايروپىلان خادىملىرى تازىلىق ئۆيىدە ‹‹بومبا بار›› دېگەن خەتنى بايقاپ دەرھال ئەھۋال مەلۇم قىلغان، شۇنداقلا ئايروپىلان ماراكەشنىڭ كاسابلانكا ئايرودۇرۇمىغا جىددىي قوندۇرۇلغان. بىراق، ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن، ساقچىلار ئايروپىلان ئىچى ۋە يۈك-تاقلارنى قاتتىق تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھېچقانداق بىنورماللىقنى بايقىمىغان، ئايروپىلانمۇ مەنزىلگە قاراپ داۋاملىق ئۇچقان.