يېقىندىن بۇيان بىئوگرافىيە تۈرىدىكى فىلىملەر غەربلىكلەر ياقتۇرىدىغان تۈرگە ئايلاندى. جوبىس، سنوۋدىن قاتارلىقلار ھەققىدىكى فىلىملەر ئىشلىنىپ بولدى، ۋە ياكى ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا ستىۋىن خوكىڭنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مەۋجۈداتلار نەزەرىيەسى» ناملىق فىلىم ئارقىلىق ئەددىي رېدماينى ئوسكار ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتېس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە خوكىڭنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
شەخسلەر بىئوگرافىيەسى تۈرىدىكى فىلىملەرگە ئادەتتە سىنارىيە تەييار بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتالايدۇ، ھەمدە فىلىمنى تارتىشمۇ بىر قەدەر ئاسان.
چەتئەلنىڭ بىئوگرافىيە تۈرىدىكى فىلىملىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئوخشاش تۈردىكى فىلىملەرنى سېلىشتۇرغاندا، چەتئەل فىلىملىرى ئارتېسقا نىسبەتەن تەلەپنى ئۇنچىۋالا يۇقىرى قويمايدۇ، ئەسلى تىپقا ئوخشىشىمۇ تەلەپ ئەمەس. تېخىمۇ كۆپرەك تەلەپ قىلىدىغىنى ئارتېسنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتى.
شاڭخەي كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي ئوپېرا ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شى چۇەن ئالماشتۇرۇش ۋە دەرس سۆزلەش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بارغان. ئۇنىڭ كۆزىتىشىچە، ياۋرو-ئامېرىكىدا تارىخىي شەخسلەرنىڭ رولىنى مەخسۇس ئالىدىغان چىرايى ئوخشاپ كېتىدىغان ئارتېسلار يوق ئىكەن. تارىختىكى ئەڭ داڭلىق بىرقانچە مۇھىم بىئوگرافىيەلىك فىلىملەردە داڭلىق ئارتېسلار ئاساسلىق رول ئوينىغان.