مۇخبىرنىڭ پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇرنىڭ قانۇنىي ۋەكىلىدىن ئىگىلىشىچە، پەلەك شاھى ئادىل ھوشۇر 23-نويابىر، فۇجيەن گۇلۇ رايونىدىكى روڭشىن لەنجۈن ئولتۇراق ئاھالىلەر رايونىدىكى 100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى ئولتۇراق رايونىغا تارتىلغان ئۇزۇنلۇقى 150 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارقاندا بىر ياكى ئىككى شاگىرتىنىڭ ھەمراھلىقىدا ماھارەت كۆرستىدىكەن.بۇ قېتىمقى ماھارەت كۆرسىتىشتىمۇ ئىلگىرىكى ماھارەت كۆرسىتىشلەرگە ئوخشاش ھېچقانداق قوغدىنىش ۋاستىسى قوللىنىلمايدىغان بولۇپ، ئوڭدىسىغا يېتىش، پولات ئارقاندا ئورۇن ئالماشتۇرۇش، ئاتلاپ ئۆتۈش قاتارلىق خەتەرلىك ماھارەتلەر بار ئىكەن.
قانۇنىي ۋەكىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەت فۇجۇ شەھەر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ــ سەنئەت تەرەققىياتىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ماھارەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئەسلىدىنلا باي بولغان فۇجۇ شەھىرى ۋە خەلقىگە بەخت تىلەش بىلەن بىرگە جەنۇپ ـ شىمال مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
بۇ يىل ئۇلار كۆزىنى ئېتىپ سەددىچىن سېپىلىدىن 25 مىنۇتتا ئۆتۈش، گۇاڭجۇ مۇنارىغا جەڭ ئېلان قىلىش 10دىن ئارتۇق پائالىيەتنى غەلىبىلىك تاماملىغان، قانۇنىي ۋەكىلنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، كېلەر يىللىق ئەڭ چوڭ پىلان جۇڭگودىكى چوڭ ساياھەت رايونلىرىنى مەركەز قىلغان ساياھەت ئورۇنلىرىدا ماھارەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولغان داۋازچىلىق سەنئىتىنى ھەر مىللەت خەلقىگە يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى تەشۋىق قىلىدىكەن.