خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى» يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، پايتەختتىكى تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان مىللىي مۇزىكا مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى سۇنۇپ، كىشىلەرگە «جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىناق گۈزەللىكنى ھېس قىلدۇردى.
يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى «بېيجىڭدىكى خوشاللىق چېگرا رايونغا يېتىپ باردى» ناملىق شادىيانە مېلودىيە ئىچىدە باشلاندى. «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى» ناملىق مۇزىكا كېچىلىكىگە مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ داڭلىق رېژىسسورى دېڭ لىن رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، داڭلىق مۇزىكانت ۋۇ توڭ، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس روزى ھامۇت، ماھىرە، لى ۋېيخۇڭ، ئاۋاڭ لوساڭدۈنجۇ، بيەن يىڭخۇا، جاشى دۇنجۇ قاتارلىق سەنئەتكارلار نومۇر ئورۇنلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ يېڭى يىللىق مۇزىكا كېچىلىكى ئۇدا نەچچە يىل ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت- سەنئەتلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە ئىناق-ئىتتىپاقلىقى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مەدھىيەلىنىپ، پايتەختتىكى مۇزىكا چەمبىرىكىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان «يېڭى يىللىق بەزمە»گە ئايلىنىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى