باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

2019.01.02 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىللىق 1-سانىدا، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسى پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتا، چوقۇم ماركسىزملىق پەلسەپەنىڭ مېغىزىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى لازىم. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۇنيا ماددىنىڭ بىرلىكى، ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن قائىدىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا سىياسەتلەرنى تۈزۈش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ شەيئىلەرنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي قائىدىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، مەسىلە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزدا يولۇققا زىددىيەتلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز ۋە ئۇلارنى پائال ھەل قىلىشىمىز كېرەك؛ دىيالېكتىك ماتېرىيالىزمنىڭ تۈپ ئۇسۇلىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋەت پىرىنسىپىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، تونۇپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىيەت بىرىنچى دېگەن نۇقتىئىنەزەردە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدىكى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر