باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى(25)

يولداش سەي چىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

2017.10.26 16:40   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى(25)

  سەي چى، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 12- ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن يۇشىدىن، 1973- يىلى 3- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1975- يىلى 8- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، فۇجيەن پېداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد شۇناسلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى.

  ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  1973- يىلىدىن 1975- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى يۇڭئەن ناھىيەسى شىياڭ گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولغان.

  1975- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي مائارىپ كەسپىدە ئوقۇغان.

  1978- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ كادىرى بولغان.

  1983- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ كادىرى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولغان.

  1987- يىلىدىن 1991- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىدا باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كاتىپ بولغان.

  1991- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  1992- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزاسى بولغان (بۇ مەزگىلدە 1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا چۈشۈپ، فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 1996- يىلى 3- ئايدىن 1996- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ۋالىي، نازىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان).

  1996- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  (1994- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان).

  1997- يىلىدىن 1999- يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  1999- يىلىدىن 2002- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  (1998- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورىلىق ئۇنۋانى ئالغان).

  2002- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى چۈجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  2004- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى تەيجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2007- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.

  2010- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.

  2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

  2015- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە قىشلىق مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى.

  19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 【26】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىل ليۇ جىخۈەي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ «مائارىپنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش» كوللېكتىپ زىيارىتىگە ق…
    ·قۇرۇلتاي ۋەكىلى چېن باۋشېڭ: ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بالىدىن بىر…
    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…