چېن چۈەنگو، ئەر، خەنزۇ، 1955- يىلى 11- ئايدا تۇغۇلغان، خېنەن پىڭيۈدىن. 1973- يىلى 12- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ۋۇخەن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى.
ھازىر مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى.
1973- يىلىدىن 1977- يىلىغىچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1- جۈن 3- شى توپچىلار تۈەنىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن.
1977- يىلىدىن 1978- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان.
1978- يىلىدىن 1981- يىلىغىچە جېڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇغان.
1981- يىلىدىن 1983- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى پىڭيۈ ناھىيەسىنىڭ شىنديەن گۇڭشېسىدا خىزمەت قىلغان.
1983- يىلىدىن 1985- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپ بولغان (مۇئاۋىن ھاكىم دەرىجىلىك).
1985- يىلىدىن 1988- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ۋىلايەتلىك پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان.
1988- يىلىدىن 1992- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى جۇماديەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، سۈيپىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
1994- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى پىڭدىڭشەن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
1996- يىلىدىن 1998- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان.
(1995- يىلىدىن 1997- يىلىغىچە ۋۇخەن ئاپتوموبىل سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە ئوقۇپ، ئىقتىسادشۇناسلىق بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان).
1998- يىلىدىن 2000- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.
2000- يىلىدىن 2001- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولغان.
2001- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2003- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان.
2004- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە خېنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.
(1999- يىلىدىن 2004- يىلىغىچە ۋۇخەن تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان، باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان).
2009- يىلىدىن 2010- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.
2010- يىلىدىن 2011- يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان.
2011- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.
2016- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى بولغان.
2017- يىلىدىن باشلاپ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1- سىياسىي كومىسسارى.
17- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18- ، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى.