باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەندىكى جەمئىيەتلەر 19- قۇرۇلتاينىڭ مەزمۇنلىرىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلماقتا

ئىرادىسى قەتئىي،ئىشەنچىسى تولۇق،ئىقتىدارى يېتەرلىك

2017.10.26 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تەيۋەندە كىشىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش قىزغىنلىقى خېلى يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ھەر قايسى چوڭ تاراتقۇلار قۇرۇلتايدىن كەڭ كۆلەمدە خەۋەر بېرىپ تۇردى. يىغىننىڭ ئەمدىلا يېپىلىپ تۇرىشىغا ئەگىشىپ، 19- قۇرۇلتايغا ئائىت بىر نەچچە مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، 19- قۇرۇلتايدىن كېيىن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنگە بولغان سىياسەت يۆنىلىشى، تەيۋەننىڭ كەلگۈسىدىكى پۇرسەتلىرى ۋە دۇچ كېلىدىغان خىرىسلىرىنى تەتقىق قىلدى.

  سىياسىي ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنىدا، مىڭچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككى قىرغاق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ كەيخۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلىشى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ ئالدىنقىلار قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىغانلىقىدىن بولدى. 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتىدا تەيۋەنگە قارىتىلغان سىياسەت جەھەتتە «مۇستەقىللىق» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىشى، پەقەت «ئالتە ھېچقانداق»تا ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى «قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك ئىقتىدار» قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر