سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، توخۇلا يېزىسى تۈۋەنكى قۇرباغ كەنتىدە شاللار كومبايىن بىلەن ئورۇلماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان فوتوسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئونسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 128 مىڭ مو يەردىكى ئەلا سورتلۇق شالدىن يەنى بىر قېتىم مول ھوسۇل ئالدى. ھازىر دېھقانلار ئومۇميۈزلۈك شال ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئىگىلىنىشچە، مۇشۇ ئاي ئىچىدە شال پۈتۈنلەي كومبايىن ئارقىلىق يىغىپ بولۇنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى