خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەر يىلىنىڭ 6 - 7 - ئاي مەزگىلى شىنجاڭنىڭ چۆچەكتە قىچا بۈككىدە چېچەكلىگەن پەسىل، شۇنداقلا فوتو سۈرەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ ئالتۇن رەڭلىك دۇنيانىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرىدىغان ئەڭ ياخشى پەسلى.
28-ئىيۇن، مۇخبىر تارباغاتاي تېغى باغرىدىكى چۆچەك شەھىرى قاراڭغۇ ئۆڭكۈر سۇ ئامبىرى ۋە دۆربىلجىن ناھىيەسىدىكى ئۇچتۇرپان سۇ مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، بۈككىدە ئېچىلغان قىچا چېچەكلىرىنى سۈرەتكە تارتتى. بۈككىدە ئېچىلغان قىچا چېچەكلىرى يىراقتىكى سېرىق، يېشىل ئارىلاش سالا ئېتىز، كۆك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار ئىچىدە تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى