باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 10-قېتىملىق تەكشۈرۈشى تۇرۇشلۇق ئورۇندا باشلاندى

2016.07.04 09:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەركەزنىڭ 10- قېتىملىق تەكشۈرۈشى تۇرۇشلۇق ئورۇندا باشلاندى. ھازىر ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي كاپالەت فوندى كېڭىشى، تۇرالغۇ ئۆي شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى، دۆلەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى قاتارلىق 12 ئورۇنغا كىردى.ھەمدە تيەنجىن، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي قاتارلىق تۆت ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قارشىلىق شەھەرنى قايتا تەكشۈرۈش ئاياغلاشتى.

  مەركەزنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەركەزنىڭ 10-قېتىملىق تەكشۈرۈشىدە يۇقىرىقى 12 ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتى مەخسۇس تەكشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۆت ئۆلكە مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر قايتا تەكشۈرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەركەز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 9 قېتىملىق تەكشۈرۈشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، 181 رايون ۋە ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەكشۈرگەن ئىدى. بۇ 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 55 مەركەز باشقۇرۇشىدىكى مۇھىم كارخانا، 22 مەركەز پۇل مۇئامىلە ئورنىغا چېتىلغان ھەمدە تۆت ئۆلكە قايتا تەكشۈرۈلگەن ئىدى.

  يېقىندا مەركەزنىڭ 11-قېتىملىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى خېنەن ئۆلكىسىدە تۇرۇپ قايتا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۈ لىڭيى قايتا تەكشۈرۈش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تەكشۈرۈش تەشكىلى تۈزۈمى ۋە ئۇسۇلىدىكى مۇھىم يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: قايتا تەكشۈرۈش سىياسىينى چۆرىدىگەن ھالدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە قاتتىقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى سىياسىي تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە،ئايىغى چىقمىغان مەسىلىلەرنى قايتا چۈشىنىپ، بايقالمىغان مەسىلىلەرنى قايتا بايقاپ، قايتا كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر