باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"گوۋۇيۈەننىڭ شەھەرلەرنىڭ مىللىي خىزمەت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار" ئېلان قىلىنىدۇ

2016.07.04 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى قانۇن تۇرغۇزۇشنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە ئېنىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، قانۇن تۇرغۇزۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يېقىندا "گوۋۇيۈەننىڭ شەھەرلەرنىڭ مىللىي خىزمەت نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار"نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ.

  پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا ئەسلىدىكى نىزامنىڭ ماددىلىرىغا 21 جەھەتتىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى، مەزمۇن قوشۇلدى ۋە چىقىرىۋېتىلدى. بۇ رايون ئاتلىغان ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە خادىملىرىغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇش مېخانىزمى تۇرغۇزۇش، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ.

  مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە ھەر قايسى ساھەدىكىلەر 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بويىچە پىكىر بەرسە بولىدۇ: 1. جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنچىلىق ئۇچۇر تورىغا چىقىپ، تورنىڭ باش بېتىنىڭ سول تەرىپىدىكى "نىزام قائىدە لايىھەلەرگە پىكىر ئېلىش سىستېمىسى ئارقىلىق، پىكىر نۇسخىسىغا پىكىر بەرسە بولىدۇ؛ 2.خەت شەكلى ئارقىلىق بېيجىڭ شەھەرلىك 2067 خەت ساندۇقىغا خەت ئەۋەتىپ پىكىر بەرسە ھەمدە كونۋىرىتنىڭ ئۈستىگە شەھەرلەرنىڭ مىللىي خىزمىتى نىزامىغا پىكىر بېرىش" دېگەن خەتنى يېزىپ قويسىمۇ بولىدۇ. پوچتا نومۇرى-100035؛ 3. ئىلخەت شەكلى ئارقىلىق خەت ئەۋەتىپ پىكىر بەرسە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 1993-يىلى گوۋۇيۈەن "شەھەرلەرنىڭ مىللىي خىزمىتى نىزامى"نى تەستىقلاپ ئېلان قىلغان، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، شەھەرلەردە ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسى داۋاملىق كۆپىيىپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەرلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت كۆچمە نوپۇسىغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشقا يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭلاشقا، "شەھەرلەرنىڭ مىللىي خىزمەت نىزامى"غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشمۇ ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ قالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر