خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1975-يىلى فوۋويۈەن ئاچقان مەملىكەتلىك لۇغەت خىزمىتى يىغىنىدا، 10يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ، « پۇشتو تىلى _ خەنزۇ تىلى لۇغىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 160تۈرلۈك جۇڭگو - چەتئەل تىلى لۇغەتلىرى نەشىر قىلىنىش قارار قىلىندى. 1978-يىلى سودا مىنىستىرلىكى تۈزۈش خىزمىتىنى چې خوڭسەيگە تاپشۇردى، 36يىلدىن كېيىن لۇغەت رەسمىي نەشىر قىلىندى. ئەمما بۇ ئارىلىقتا ھىچكىممۇ سوراپ قويمىغان ياكى سۈيلىمىگەن، بەزى تاراتقۇلار بۇنى چې خوڭسەي يېرىم ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ «ئۇنتۇلۇپ قالغان دۆلەت ۋەزىپىسى»نى تاماملىدى، دېدى.
تۆنۈگۈن، چې خوڭسەي تاراتقۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنى توغرا كۆرمەيدىغانلىقىنى، ھىچكىمنىڭ سوراپ قويمىغانلىقىنى تامامەن چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى