خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3-يانۋار، بېيجىڭ مىللەتلەر تىياتىرخانىسى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغانىدى. بالىلار ئاتا-ئانا،بوۋا-مومىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ يەرگە يىغىلىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 2016 - يىللىق تۇنجى مەيدان ئويۇنى —— ئۇسسۇللۇق بالىلار تىياتىرى « چوڭ بازاردا گۆھەر ئىزدەش خاتىرىسى»نى كۆردى.
ئۇسسۇللۇق بالىلار تىياتىرى « چوڭ بازاردا گۆھەر ئىزدەش خاتىرىسى»دا بېيجىڭلىق قىز نىيۇنىيۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قەشقەرگە ساياھەتكە بارغانلىقى، قەشقەردىكى چوڭ بازاردا بىر سېھرىي قۇتا تاپقانلىقى، نىيۇنىيۇ چۈشىدە گۈزەل ئىپارخان مەلىكىنى كۆرگەنلىكى، ئىپارخان نىيۇنىيۇنى ئېلىپ، چوڭ قۇملۇققا جايلاشقان گۈللۈك ۋە يەر ئاستى ئوردىغا كەلگەنلىكى ۋە بۇ جەرياندىكى گۆھەر ئىزدەش ۋە گۆھەر قوغداش ۋەقەلىكى ھېكايە قىلىنغان. ھېكايىدە نىيۇنىيۇ ئىپارخان مەلىكىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە ئاق كۆڭۈلىكىدىن تەسىرلىنىپ قالمايلا، يىپەك يولىنىڭ سېھرىي كۈچىنى شۇنداقلا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي ئىللىقلىقنى ھېس قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇسسۇللۇق بالىلار تىياتىرى « چوڭ بازاردا گۆھەر ئىزدەش خاتىرىسى» مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى 2014 – يىلى تەييارلىغان تۇنجى ئۇسسۇللۇق بالىلار تىياتىرى « توز پادىشاھلىقىدىكى ئاجايىپ ساياھەت » دىن كېيىنكى بالىلارغا قىلغان يەنە بىر سوۋغا بولۇپ قالغان. گۈزەل كىيىم-كېچەك، يېقىملىق مۇزىكا، ھەيۋەتلىك دېكراتسىيە... « چوڭ بازاردا گۆھەر ئىزدەش خاتىرىسى» بالىلار ئۈچۈن يېڭى يىللىق سوۋغا بولۇپلا قالماستىن، مەركىزىي مىللەتلەر ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى ئۆسمۈرلەر ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكى بالا ئارتسىلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە بولغان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى