باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئابدۇسەمەت ئىمىن: مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوللايمەن

2016.01.05 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد) 4 - يانۋار چۈشتىن كېيىن دۆڭكۆۋرۈك تياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى <يىپەك يولى> سودىگەرلىرى يېڭى يىللىق O2O ھەمكارلىق مۇنبىرى» ۋە «تىللا دەرىخى» O2O سودا سۇپىسى ئەندىزىسىنى يولغا قويۇش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شىنجاڭ "كۆكتېكىن" مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسەمەت ئىمىن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكېلىي كومىتېتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇخېلىل ئىبراھىمنىڭ قولىدىن مۇسابىقە جەريانىدا مال سېتىشقا ئالاھىدە ھوقۇق بېرىلگەنلىك گۇۋاھنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  بىرقانچە يىل بۇرۇن ياغاچ پۇت بىلەن ئۈرۈمچى - پىچان ئارىلىقىدا، ئۈرۈمچىدىكى سۇ ئۈستى باغچىسىدا پولات تۇرۇبا ۋە پولات پۇت بىلەن پولات سىم ئۈستىدە مېڭىپ دۇنيا جېننىس رېكورتىنى ياراتقان ئابدۇسەمەت ئىمىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا ساھەسىدە باش كۆتۈرۈپ چىقماقتا. ئۇ قۇرغان شىنجاڭ "كۆكتېكىن" مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركىتى تۇرپاننىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە مول يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2015 - يىلى يىل بېشىدا ئۇ مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ 2016 - يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دەرھال بۇ سودا پۇرسىتىنى تونۇپ يېتىپ، مۇسابىقە تەشكېلىي كومىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ.

  تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئامېرىكىنىڭ نيو يوركدىكى دەۋر مەيدانىدىكى ناسداك پاي چېكى سودا بىناسىنىڭ تام ئېكرانىدا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى مۇۋەپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن جۇڭگو ئولىمپېك كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى، مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكېلىي كومىتېتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇخېلىل ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەت دۆلىتىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە شىنجاڭدىكى 30 كارخانىنىڭ ئەمەلىي كۈچىشى بىلەن شىنجاڭدىكى "قارلۇق"، "باباخان" قاتارلىق 30 كارخانىنىڭ logo ئېلانى بېرىلگەن مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېلانى 2015 - يىلى 7 - دېكابىر دەۋر مەيدانىدا جاھان خەلقىگە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايەن قىلدى. 2015 - يىلى مايدىن باشلاپ شىنجاڭ "كۆكتېكىن" مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شېركىتى مەسئۇلى ئابدۇسەمەت ئىمىن مەن بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۈگۈن بازار بۆلۈمىمىز ئۇنىڭغا مۇسابىقە جەريانىدا مال سېتىشقا ئالاھىدە رۇخسەت بېرىش گۇۋاھنامىسىنى بەردۇق. قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنى تونۇشىغا، شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن يەرلىك مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى سىرتقا تونۇشتۇرۇشدا بىر چوڭ سەھنە بولىدۇ دەپ قارايمىز.

  ___ بىز ياشاۋاتقان بۇ ماكان شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ يۇرتۇمىز تۇرپاننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشمىش ئۈزۈم بايلىقى دۇنياغا مەشھۇر. بىر كىشمىش ئۈزۈمنى مەدەنىيەت سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى تونۇشتۇرۇش، بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنى دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تونۇشتۇرۇپ، گۈزەل، ئىناق شىنجاڭنىڭ ئىجابىي ئوبرازىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇمدۇر، مەن بىر جۇڭگولۇق، بىر شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇسابىقە تەشكېلىي كومىتېتىنى قوللاش ۋە مۇسابىقە مەيدانىدا "كۆكتېكىن" ماركىسىدىكى ئۆز مەھسۇلاتلىرىمنى سېتىش ئارقىلىق مەملىكەتلىك 13 - نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوللايمەن،- دېدى ئابدۇسەمەت ئىمىن ماڭا.

  مۇھەررىر: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر