باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى مەركەز كارخانىسىدىن تەكشۈرۈلگەن 64 رەھبەرنى ئېلان قىلدى

2016.01.05 14:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ 4-يانۋار ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركەزنىڭ كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى 55 مەركەز كارخانىسىنى كۆزىتىشنى تاماملىغان. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى بۇلتۇر 24-نويابىرغىچە دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 64 رەھبىرىنى تەكشۈرگەنلىك ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىق ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى.

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى ئېلان قىلغان مەركەز كارخانىلىرىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان 64 رەھبەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، قاتناش ترانسپورت، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەردىن بولۇپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكىلەر ئەڭ كۆپكەن، ئومۇمىي ساننىڭ ٪39تىنى ئىگىلەيدىكەن؛ ۋەزىپىسىدىن قارىغاندا، «1-قول» رەھبەرلەر ٪56نى ئىگىلەيدىكەن، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى ۋە باشقا بەنزە ئەزالىرى ٪33نى ئىگىلەيدىكەن، باش بوغالتىر، ئىشخانا مۇدىرى قاتارلىق مۇھىم ئىش ئورنىغا مەسئۇللار ٪11نى ئىگىلەيدىكەن.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر