خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقاتام يېزىسى يېزا ۋە كەنت مالىيەسىدىن 1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، 19-دېكابىر 26 كەنتكە چارلاش ماشىنىسى سەپلەپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە جىددىي ۋەقەلەرنى بىرتەرەپ قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.
سۈرەتتە: 19-دېكابىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمى كومىتېتنىڭ ئەزاسى، خانىقاتام يېزىلىق پارتكومنىڭ شۈجىسى نۇر ئالىم مۇھەممەد كەنت شۇجىلىرىغا ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى تارقىتىپ بەرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى