خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 21-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، 2015-يىللىق يەرشارى خانقىزلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن ماھىرلار يېقىندا توردا بىر تۈرلۈك «ئۆز گۈزەللىكىگە ئىشىنىش ھەرىكىتى»(ConfidentlyBeautiful campaign) گە قاتنىشىپ، بەس-بەستە ئۆزلىرىنى گىرىمىنى يۇيىۋەتكەندىن كېيىنكى سۈرەتلىرىنى يوللاپ، ئاياللارنىڭ تەبئىي گۈزەللىكىنى تەشەببۇس قىلدى.
بۇ پائالىيەتنى 2014-يىللىق يەرشارى خانقىزى، كولۇمبىيەلىك پاۋلىنا ۋېگا قوزغىغان، ئاۋسترالىيەلىك يەرشارى خانقىزى مونىكا رادۇلوۋىچ، پىرۇلۇق لاۋرا سپويا قاتارلىق 2015-يىللىق يەرشارى خانقىزى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ماھىرلار بەس-بەستە قاتناشتى. قېنىق گىرىم، يالغان كىرپىك، قىزىل لەۋلىكسىز يەرشارى خانقىزلىرى قارىماققا ئارىلىق تۇيغۇسى ئازىيىپ، خۇددىي قوشنىلارنىڭ قىزىغا ئوخشاپ قالدى. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى