خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، خانىقاتام يېزىلىق مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، بۇ يېزىدىكى 11 باشلانغۇچ مەكتەپ، 13 يەسىلىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى، مۇدىر ۋە يەسلى باشلىقلىرى 16-دېكابىردىن 18-دېكابىرغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئونسۇ ناھىيەلىك 2-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇ شەھىرىدىكى نۇقتىلىق يەسلىلەرنىڭ مەكتەپ ۋە يەسلى باشقۇرۇش، قوش تىل ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتى، «ئەسەبىيلىك»نى تۈگىتىش جەھەتلەردىكى ئىلغار تەجرىبىسىنى ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، مەكتەپ، يەسلى مەسئۇللىرىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى.
سۈرەتتە: 18- دېكابىر مەكتەپ ۋە يەسلى مەسئۇللىرى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئىگىلىمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى